ئاخىرەت ئىسلام مەركىزىنىڭ گۇاڭدۇڭدىكى ۋەقە توغرىسىدا باياناتى !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ! تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرغۇنىڭلار ئۈچۈن اللە كۆپ ساۋابلار بەرسۇن ..ئامىن ..
كۆپچىلىكىمىز بىلىمىز ، يېقىندا گۇاڭدۇڭ شاۋگۈەن رايونىدىكى قانلىق توقۇنۇش ۋەقەسىدە ، شىنجاڭدىن گۇاڭدۇڭغا ئىشلەشكە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلەرچە قىلمىشلىرى ھەر قايسى قانۇنلۇق تور بېكەتلەردە ھەم خەۋەر ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى .
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاخىرەت ئىسلام مەركىزىمىز ھەر قايسى ئورگانلارغا شۇنى بايان قىلىدۇ :
1) بۇ ۋەقەگە ھەر تەرەپتىن ئىتىبار بېرىپ تۇرىمىز ھەم ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ دىققەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز ؛
2) بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھەققانىي بىر كېسىم ئېلان قىلىنىشىنى ، ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارلىشىنى تەلەپ قىلىمىز ؛
3) ئاپتونۇم رايونىمىز رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئوچۇق ئاشكارە بايانات ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز ؛
4) بۇ باياناتىمىز قانۇنسىز بايانات بولماستىن بەلكى مىللى كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر ؛
توقۇنۇشتا خەنزۇ يولداشلار تايىقى ئاستىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا اللە تىن مەغفىرەت تىلەيمىز ھەم بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ھىسسىياتقا ئەمەس بەلكى ھەق ـ ھوقۇققا تايىنىپ ئىش كۆرۈشىڭلارنى تەشەببۇس قىلىمىز .

بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى فىلىملەرنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ !
بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ !
ـ ـ ـ ـ ـ ـ
ئاخىرەت ئىسلام مەركىزىمىزنىڭ سەھىپىسىگە مەرھەمەت